مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 114
114-كۈي •••• خۇدانىڭ ئىسرائىل خەلقىنىڭ مىسىردىن چىقىشىدا ئۇلارغا نامايان قىلغان ئۇلۇغلۇقى
ئىسرائىل مىسىردىن،
ياقۇپ جەمەتى يات تىللىق ئەللەردىن چىققاندا، 1
شۇ چاغدا يەھۇدا خۇدانىڭ مۇقەددەس جايى،
ئىسرائىل ئۇنىڭ سەلتىنىتى بولدى،
دېڭىز بۇنى كۆرۈپ بەدەر قاچتى،
ئىئوردان دەرياسى كەينىگە ياندى؛
تاغلار قوچقارلاردەك،
دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىدى.
ئەي دېڭىز، سەن نېمە بولدۇڭ، قاچقىلى؟
ئىئوردان دەرياسى، يولۇڭدىن يانغىلى؟
تاغلار قوچقارلاردەك،
دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىغىلى؟
ئى يەر يۈزى، رەبنىڭ جامالىدىن،
ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ جامالىدىن تەۋرەن؛
ئۇ قورام تاشنى كۆلچەككە،
چاقماق تېشىنى مول بۇلاق سۇلىرىغا ئايلاندۇرىدۇ. 2 3
Source notes (3)
- Cross-reference ◘ مىس. 13:3
- Footnote ◼ «ئۇ قورام تاشنى كۆلچەككە، چاقماق تېشىنى مول بۇلاق سۇلىرىغا ئايلاندۇرىدۇ» ــ «چاقماق تېشى» تاشلار ئىچىدە ئەڭ قاتتىق تاش ھېسابلىنىدۇ. «قان.» 15:8نى كۆرۈڭ.
- Cross-reference ◘ مىس. 17:6؛ چۆل. 20:11
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.