Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

زەبۇر 111

111-كۈي •••• خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سېغىنىش •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ

ھەمدۇسانا!

كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە،

ھەم جامائەتتە تۇرۇپ،

پەرۋەردىگارغا پۈتۈن قەلبىم بىلەن تەشەككۈر ئېيتىمەن. 1

پەرۋەردىگارنىڭ ياسىغانلىرى ئۇلۇغدۇر؛

بۇلاردىن خۇرسەن بولغانلار ئىزدىنىپ ئۇلارنى سۈرۈشتۈرمەكتە.

ئۇنىڭ ئەجرى شەرەپ ۋە ھەيۋەتتۇر،

ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ.

ئۇ ئۆز مۆجىزىلىرىنى ياد ئەتكۈزىدۇ؛

پەرۋەردىگار مۇھەببەتلىك ھەم رەھىمدىللىقتۇر.

ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى ئاش بىلەن تەمىنلەيدۇ؛

ئۆز ئەھدىسىنى ھەمىشە ياد ئېتىدۇ.

ئۇ ئەمەللىرىدىكى قۇدرىتىنى ئۆز خەلقىگە كۆرسىتىپ،

باشقا ئەللەرنىڭ مىراس-زېمىنىنى ئۇلارغا تەقدىم قىلدى.

ئۇنىڭ قولى قىلغانلىرى ھەقىقەت-ساداقەت ۋە ئادىللىقتۇر؛

ئۇنىڭ بارلىق كۆرسەتمىلىرى ئىشەنچلىكتۇر.

بۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ئىناۋەتلىكتۇر؛

ھەقىقەتتە ھەم دۇرۇسلۇقتا چىقىرىلغاندۇر.

ئۇ ئۆز خەلقىگە نىجاتلىق ئەۋەتتى؛

ئۆز ئەھدىسىنى ئەمر قىلىپ مەڭگۈگە بېكىتتى؛

مۇقەددەس ھەم سۈرلۈكتۇر ئۇنىڭ نامى.

پەرۋەردىگاردىن قورقۇش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر؛

ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى يورۇتۇلغان ئادەملەردۇر؛

ئۇنىڭ مەدھىيىسى مەڭگۈ تۇرىدۇ.

Source notes (1)
  1. Footnote ◼ «ھەمدۇسانا! كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە، *ھەم جامائەتتە تۇرۇپ...» ــ بۇ كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي؛ بىراق ئىبرانىي تىلىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا جۈملە تەرتىپلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكى تۈپەيلىدىن، «ئېلىپبەلىك» نۇسخىنى كۆرسىتەلمىدۇق.

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.