مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
زەبۇر 1
بىرىنچى بۆلۈم •••• 1-كۈي •••• ئىتائەتمەن ئادەمنىڭ بەختى
رەزىللەرنىڭ گېپى بويىچە ماڭمايدىغان،
گۇناھكارلارنىڭ يولىدا تۇرمايدىغان،
مەسخىرە قىلغۇچىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرمايدىغان ئادەم بەخت تاپۇر! 1
ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىدىدۇر؛
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ. 2 3
ئۇ خۇددى ئېرىق بويىغا تىكىلگەن،
ئۆز پەسلىدە مېۋىسىنى بېرىدىغان،
يوپۇرماقلىرى سولاشمايدىغان دەرەختەكتۇر؛
ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ. 4 5
رەزىل ئادەملەر بولسا ئۇنداق بولماس؛
ئۇلار خۇددى شامال ئۇچۇرۇۋەتكەن توزاندەكتۇر. 6
شۇنىڭ ئۈچۈن رەزىللەر سوراق كۈنىدە تىك تۇرالمايدۇ،
گۇناھكارلار ھەققانىيلارنىڭ جامائىتىدە ھېچ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ.
چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنىڭ يولىنى كۆڭلىگە پۈككەن؛
رەزىللەرنىڭ يولى بولسا يوقىلىدۇ.
Source notes (6)
- Cross-reference ◘ زەب. 26:4-5؛ پەند. 1:10، 15؛ 4:14، 15؛ 1كور. 15:33؛ ئەف. 5:11
- Footnote ◼ «ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇ ئۇنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ» ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ زەبۇر مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. سەۋەبى، مەسىھتىن باشقا كىم «پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ»؟! بىردىنبىر مۇكەممەل ئادەم پەقەت ئۇدۇر. ئۇنداق بولغاندا، «ئۇنىڭ قانۇنى» ئۆزىنىڭكىدۇر!
- Cross-reference ◘ قان. 6:6-9؛ 17:19؛ يە. 1:8؛ زەب. 112:1؛ 119:1
- Footnote ◼ «ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ» ــ بۇ يەردىكى «ئۇ»، خۇدانىڭ يولىدا ماڭىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ.
- Cross-reference ◘ يەر. 17:8
- Cross-reference ◘ ئايۇپ 21:18؛ زەب. 35:5؛ يەش. 17:13؛ 29:5؛ ھوش. 13:3
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.