Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

لاۋىيلار 2

ئاشلىق ھەدىيەلىرى

ئەگەر بىركىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنماقچى بولسا ھەدىيەسى ئېسىل ئۇندىن بولۇشى كېرەك؛ ئۇ ئۇنىڭغا زەيتۇن مېيى قۇيۇپ ئاندىن ئۈستىگە مەستىكى سالسۇن. 1 2 ئۇ ئۇنى ئېلىپ كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن؛ ئاندىن كاھىن ھەدىيە سۇنغۇچىنىڭ يادلىنىشى ئۈچۈن زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئۇندىن بىر چاڭگال ئېلىپ، ھەممە مەستىكى بىلەن قوشۇپ، بۇ ھەدىيەنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. 3 ئەمما ئاشلىق ھەدىيەسىدىن قالغىنى بولسا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق سۇنۇلغانلارنىڭ ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. 4 5

پىشۇرۇلغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى

ئەگەر سەن تونۇردا پىشۇرۇلغان نەرسىلەردىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇناي دېسەڭ، ئۇلار زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن پىشۇرۇلغان توقاچلار ياكى زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلاردىن بولسۇن. 6

ئەگەر سېنىڭ كەلتۈرىدىغان ھەدىيەڭ تاۋىدا پىشۇرۇلغان ئاشلىق ھەدىيەسى بولسا ئۇ زەيتۇن مېيى ئىشلەشتۈرۈلۈپ ئېسىل ئۇندىن پېتىر ھالدا ئېتىلسۇن. سەن ئۇنى ئوشتۇپ ئۈستىگە زەيتۇن مېيى قۇيغىن؛ ئۇ ئاشلىق ھەدىيەسى بولىدۇ.

سېنىڭ كەلتۈرىدىغان ھەدىيەڭ قازاندا پىشۇرۇلغان ئاشلىق ھەدىيەسى بولسا ئۇنداقتا ئۇ ئېسىل ئۇن بىلەن زەيتۇن مېيىدا ئېتىلسۇن. شۇ يوللاردا تەييارلانغان ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرگىن؛ ئۇنى كاھىنغا بەرگىن، ئۇ ئۇنى قۇربانگاھقا ئېلىپ بارىدۇ. كاھىن بولسا ئاشلىق ھەدىيەسىدىن «يادلىنىش ئۈلۈشى»نى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. ئەمما ئاشلىق ھەدىيەسىدىن قالغىنى بولسا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق سۇنۇلغانلارنىڭ ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.

سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدىغان ھەرقانداق ئاشلىق ھەدىيەلىرى ئېچىتقۇ بىلەن تەييارلانمىسون. چۈنكى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەڭلارنىڭ ھېچقايسىسىدا ئېچىتقۇ ياكى ھەسەلنى كۆيدۈرۈشكە بولمايدۇ. بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا «دەسلەپكى ھوسۇل» سۈپىتىدە سۇنساڭلار بولىدۇ، لېكىن ئۇلار خۇشبۇي سۈپىتىدە قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرۈلۈپ سۇنۇلمىسۇن. 7

سېنىڭ ھەربىر ئاشلىق ھەدىيەڭ تۇز بىلەن تۇزلىنىشى كېرەك؛ ھەدىيەڭنى خۇدايىڭنىڭ ئەھدە تۇزىدىن مەھرۇم قىلماي، ھەممە ئاشلىق ھەدىيەلىرىڭنى تۇز بىلەن تۇزلىغىن. 8

ئەگەر سەن پەرۋەردىگارغا «دەسلەپكى ھوسۇل»دىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇناي دېسەڭ، ئۇنداقتا زىرائەتنىڭ يېڭى پىشقان كۆك بېشىنى ئېلىپ، دانلارنى ئوتتا قورۇپ، ئېزىپ تالقان سۈپىتىدە سۇنغىن؛ بۇ «دەسلەپكى ھوسۇل» ھەدىيەسى بولىدۇ؛ سەن ئۇنىڭغا زەيتۇن مېيى قۇيۇپ ئۈستىگە مەستىكى سالغىن؛ بۇ ئاشلىق ھەدىيەسى بولىدۇ. كاھىن بولسا ئۇنىڭدىن، يەنى قورۇپ ئېزىلگەن دانلار بىلەن زەيتۇن مېيىدىن بىر قىسمىنى ئېلىپ ھەممە مەستىكى بىلەن قوشۇپ، بولارنى «يادلىنىش ئۈلۈشى» سۈپىتىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ھەدىيە بولىدۇ.

Source notes (8)
  1. Footnote ◼ «ئېسىل ئۇن» ــ ئىبرانىي تىلىدا تەكىتلەنگىنى ياخشى تارتىلغان، بىرخىل يۇمشاقلىقتا، ھېچقانداق كېپەك ئارىلاشمىغان ئۇن.
  2. Cross-reference ◘ مىس. 6‏:15؛ 9‏:17؛ چۆل. 15‏:4
  3. Cross-reference ◘ لاۋ. 6‏:8
  4. Footnote ◼ «پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق سۇنۇلغانلارنىڭ ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى»» ــ ھەدىيە-قۇربانلىقلار «ئەڭ مۇقەددەس» ۋە «مۇقەددەس» دەپ بۆلىنىدۇ. ««ئەڭ مۇقەددەس» بولغان ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى پەقەت كاھىنلار ئۆزىلا يېيىشكە، شۇنداقلا مۇقەددەس جايدىلا يېيىشكە بولاتتى. «مۇقەددەس» ھېسابلانغان تائاملاردىن ئائىلىدىكىلىرى يېيىشكە بولاتتى.
  5. Cross-reference ◘ لاۋ. 10‏:12
  6. Footnote ◼ «توقاچلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆز ياكى ھالقىسىمان ياكى چەككۈچ بىلەن تېشىلگەن بىرخىل نانلارنى كۆرسىتىدۇ.
  7. Cross-reference ◘ چۆل. 18‏:12
  8. Cross-reference ◘ مار. 9‏:49

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.