Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

يەشايا 12

ئىسرائىلنىڭ ئاخىرقى زاماندىكى بىر ناخشىسى

ــ ۋە شۇ كۈنى سەن: ــ

ــ ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنى مەدھىيىلەيمەن؛

سەن ماڭا غەزەپلەنگىنىڭ بىلەن،

غەزىپىڭ مەندىن يۆتكىلىپ كەتتى،

ۋە سەن ماڭا تەسەللى بەردىڭ.

مانا، تەڭرى مېنىڭ نىجاتىمدۇر؛

مەن ئۇنىڭغا تايىنىمەن، قورقمايمەن،

ياھ پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم ۋە ناخشامدۇر؛

ئۇ يەنە مېنىڭ نىجاتىم بولدى، ــ دەيسەن. 1

ــ شادلىق بىلەن سىلەر نىجاتلىق قۇدۇقلىرىدىن سۇ تارتىسىلەر. 2

شۇ كۈنىدە سىلەر: ــ

«پەرۋەردىگارغا رەھمەت ئېيتىڭلار،

ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىڭلار؛

ئۇنىڭ ئەمەللىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار،

ئۇنىڭ نامىنىڭ زور ئابرۇي تاپقانلىقىنى جاكارلاڭلار. 3

پەرۋەردىگارغا كۈيلەر ئېيتىڭلار،

چۈنكى ئۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغان؛

مانا بۇ پۈتكۈل جاھانغا ئايان قىلىنسۇن!

زىئوندىكىلەر، تەنتەنە قىلىپ جار سېلىڭلار؛

چۈنكى ئاراڭلاردا تۇرغان ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى بۈيۈكتۇر!» ــ دەيسىلەر.

Source notes (3)
  1. Footnote ◼ «ياھ پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم ۋە ناخشامدۇر...» ــ مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇشۇ تەرجىمىسىدە بىز خۇدانىڭ «ياھۋەھ» ياكى «جەخوۋاھ» دېگەن نامىنى ئادەتتە «پەرۋەردىگار» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. «ياھ» بولسا «ياھۋەھ» دېگەن بۇ نامىنىڭ قىسقارتىلغان شەكلىدۇر.
  2. Cross-reference ◘ يـۇھ. 7‏:37،38
  3. Cross-reference ◘ يـۇھ. 17‏:1،4،6،26

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.