Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

ئەزاكىيال 35

ئېدوم، يەنى سېئىر توغرۇلۇق بېشارەت

ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ

ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى سېئىر تېغىغا قارىتىپ، بېشارەت بېرىپ ئۇنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگىن: ــ 1

رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، ئى سېئىر تېغى، مەن ساڭا قارشىمەن؛ مەن قولۇمنى ئۈستۈڭگە ئۇزارتىپ، سېنى بىر ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلىمەن. مەن شەھەرلىرىڭنى خارابە قىلىۋېتىمەن، ۋە سەن ۋەيرانە بولىسەن؛ ئاندىن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسەن. چۈنكى سەن مەڭگۈگە ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلگەنسەن، ئىسرائىللارنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشكەن كۈنىدە، قەبىھلىكنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، ئۇلارنى قىلىچ كۈچىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، 2 شۇڭا مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن ساڭا قان تۆكۈلۈشنى بېكىتتىم؛ قان سېنى قوغلايدۇ. سەن قان تۆكۈشتىن نەپرەتلەنمىگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، ئەمدى قان سېنى قوغلاپ يۈرىدۇ. مەن سېئىر تېغىنى ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلىپ، ئۇنىڭدىن بېسىپ ئۆتكۈچى ھەم ئۇنىڭغا قايتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن. مەن ئۇنىڭ تاغلىرىنى ئۆلتۈرۈلگەنلىرى بىلەن تولدۇرىمەن؛ سېنىڭ ئېگىزلىكلىرىڭدە، سېنىڭ جىلغىلىرىڭدا، سېنىڭ بارلىق جىرالىرىڭدا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىقىلىدۇ. مەن سېنى مەڭگۈگە ۋەيرانە قىلىمەن؛ سېنىڭ شەھەرلىرىڭ ئادەمزاتسىز بولىدۇ؛ ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.

ــ چۈنكى سەن: «بۇ ئىككى ئەل، ئىككى مەملىكەت مېنىڭكى بولىدۇ، بىز ئۇلارغا ئىگە بولىمىز» دېگىنىڭ تۈپەيلىدىن ــ گەرچە مەن پەرۋەردىگار شۇ يەردە بولغان بولساممۇ ــ، 3 4 ئەمدى مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن سېنىڭ نەپرىتىڭدىن چىققان ئاچچىقىڭ بويىچە ۋە ھەسىتىڭ بويىچە ساڭا مۇئامىلە قىلىمەن؛ مەن ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالىشىم بىلەن، مەن ئۇلار ئارىسىدا ئۆزۈمنى كۆرسىتىمەن.

شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئىسرائىل تاغلىرىغا قاراپ: «ئۇلار ۋەيران بولدى، ئۇلار بىزگە يەم بولۇشقا تەقدىم قىلىندى» دېگەن بارلىق ھاقارەتلىرىڭنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئاڭلىغىنىمنى سەنلەر تونۇپ يېتىسىلەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغزىڭلاردا سىلەر ماڭا قارشى چىقىپ ئۆزۈڭلارنى چوڭ كۆرسىتىپ، ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغان سۆزۈڭلەرنى كۆپەيتكەنسىلەر؛ مەن ئۇلارنى ئاڭلىدىم. شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ پۈتكۈل يەر يۈزى شادلىنىپ كەتكىنىدە، مەن سېنى ۋەيرانە قىلىمەن.

ئىسرائىل جەمەتىنىڭ مىراسى ۋەيران قىلىنغاندا بۇنىڭدىن سەن شادلانغىنىڭدەك، مەنمۇ ساڭا شۇنداق قىلىمەن؛ سەنمۇ، ئى سېئىر تېغى ۋە بارلىق ئېدوم ــ سىلەرنىڭ بارلىقىڭلار ۋەيرانە بولىدۇ؛ ۋە ئېدومىيلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ.

Source notes (4)
  1. Footnote ◼ «يۈزۈڭنى سېئىر تېغىغا قارىتىپ، بېشارەت بېرىپ ئۇنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگىن: ــ» ــ «سېئىر» ئېدومنىڭ باشقا بىر ئىسمى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بەلكىم باركى، ياقۇپ ۋە ئېدوم ئۇكا-ئاكا بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا بولغان. گەرچە ئېدوم ياقۇپنى كەچۈرۈم قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولغان ئېدومىيلار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىلغا كۈچلۈك ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلگەن.
  2. Cross-reference ◘ ئ‍ەز. 25‏:15
  3. Footnote ◼ «بۇ ئىككى ئەل، ئىككى مەملىكەت مېنىڭكى بولىدۇ» ــ «ئىككى ئەل، ئىككى مەملىكەت» يەھۇدا ۋە ئىسرائىل (شىمالىي پادىشاھلىق)نى كۆرسىتىدۇ.
  4. Cross-reference ◘ زەب. 83‏:12

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.