مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)
ئەزاكىيال 15
ئۈزۈم تېلى توغرۇلۇق تەمسىل
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ
«ئى ئىنسان ئوغلى، ئۈزۈم تېلى ياغىچىنىڭ باشقا دەرەخ ياغاچلىرىدىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بار، ئۇنىڭ شېخىنىڭ ئورماندىكى دەرەخلەر ئارىسىدا نېمە ئالاھىدىلىكى بار؟ ئۇنىڭدىن بىرەر جابدۇقنى ياساشقا ماتېرىيال ئالغاننىڭ پايدىسى بارمۇ؟ ئۇنىڭدىن چىنىلەرنى ئاسقۇدەك قوزۇقنى ياسىغىلى بولامدۇ؟ مانا، ئۇ ئوتقا يېقىلغۇ بولغاندا، ئوت ئۇنىڭ ئىككى ئۇچىنى كۆيدۈرگەندە، ئوتتۇرىسىمۇ يېرىم كۆيگەندە، ئەمدى ئۇنى بىرەر ئىشقا ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ مانا، ئۇ ساق بولغاندا، ھېچقانداق ئىشقا ئىشلەتكىلى بولمىغان يەردە، ئەمدى ئوت ئۇنى كۆيدۈرۈپ يەپ كەتكەندە، ئۇنى بىرەر ئىشقا ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئورماندىكى دەرەخلەر ئارىسىدىكى ئۈزۈم تېلىنىڭ ياغىچىنى ئوتقا تاپشۇرغىنىمدەك، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى ئوتقا تاپشۇرىمەن. يۈزۈمنى ئۇلارغا قارشى قىلىپ قارىتىمەن؛ ئۇلار بىر ئوتتىن چىقسا، باشقا بىر ئوت ئۇلارنى يەۋېتىدۇ. ئۆز يۈزۈمنى ئۇلارغا قارشى بولۇپ قاراتقاندا، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. ئۇلارنىڭ قىلغان ۋاپاسىزلىقلىرى تۈپەيلىدىن مەن زېمىننى ۋەيرانە قىلىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». 1
Source notes (1)
- Footnote ◼ «...ئۇلارنىڭ قىلغان ۋاپاسىزلىقلىرى تۈپەيلىدىن مەن زېمىننى ۋەيرانە قىلىمەن» ــ بۇ بابتىكى «ئۈزۈم تېلى» دېگەن تەمسىل ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.
Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.