Skip to content
BibleKenya

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق)

پەند-نەسىھەتلەر 9

دانالىقنىڭ سۆزىنىڭ داۋامى، بۇزۇق خوتۇننىڭ سۆزلىرى

دانالىق ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىپ،

ئۇنىڭ يەتتە تۈۋرۈكىنى ئورناتتى.

ئۇ ماللىرىنى سويۇپ،

ئېسىل شارابلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ،

زىياپەت داستىخىنىنى يايدى؛

دېدەكلىرىنى مېھمان چاقىرىشقا ئەۋەتتى،

ئۆزى شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا تۇرۇپ: 1

«ئى ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار، ــ دەپ چاقىرىۋاتىدۇ؛

نادانلارغا:

قېنى، نانلىرىمدىن ئېغىز تېگىپ،

مەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان شارابلاردىن ئىچىڭلار؛

نادانلار قاتارىدىن چىقىپ، ھاياتقا ئېرىشىڭلار،

يورۇقلۇق يولىدا مېڭىڭلار»، ــ دەۋاتىدۇ.

ھاكاۋۇرلارغا تەنبىھ بەرگۈچى ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ،

قەبىھلەرنى ئەيىبلىگۈچى ئۆزىگە داغ كەلتۈرىدۇ.

ھاكاۋۇرلارنى ئەيىبلىمە، چۈنكى ئۇ ساڭا ئۆچ بولۇپ قالىدۇ؛

ھالبۇكى، دانا كىشىنى ئەيىبلىسەڭ، ئۇ سېنى سۆيىدۇ. 2

دانا ئادەمگە دەۋەت قىلساڭ، ئەقلى تېخىمۇ تولۇق بولىدۇ؛

ھەققانىي ئادەمگە دۇرۇس يول كۆرسەتسەڭ،

بىلىمى تېخىمۇ ئاشىدۇ.

پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر،

مۇقەددەس بولغۇچىنى تونۇش يورۇقلۇقتۇر. 3

مەن دانالىق سەندە بولسام، كۈنلىرىڭنى ئۇزارتىمەن،

ئۆمرۈڭنىڭ يىللىرى كۆپىيەر. 4

سەندە دانالىق بولسا، پايدىنى كۆرىدىغان ئۆزۈڭسەن،

دانالىقنى مازاق قىلساڭ زىيان تارتىدىغانمۇ ئۆزۈڭسەن.

نادان خوتۇن ئاغزى بىسەرەمجان، ئەقىلسىزدۇر،

ھېچنېمە بىلمەستۇر. 5

ئۇ ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ،

شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا ئورۇن ئېلىپ،

ئۇدۇل ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا:

«كىمكى ساددا بولسا، بۇ يەرگە كەلسۇن!» ــ دەۋاتىدۇ،

ۋە ئەقىلسىزلەرنى:

«ئوغرىلىقچە ئىچكەن سۇ تاتلىق بولىدۇ،

ئوغرىلاپ يېگەن نان تەملىك بولىدۇ!» ــ دەپ چارقىۋاتىدۇ. 6

لېكىن چاقىرىلغۇچى ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىدە ياتقانلىقىدىن بىخەۋەردۇر،

ئۇنىڭ بۇرۇنقى مېھمانلىرىنىڭ ئاللىقاچان تەھتىسارانىڭ تەگلىرىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇ سەزمەس. 7 8

Source notes (8)
  1. Cross-reference ◘ پەند. 8‏:2
  2. Cross-reference ◘ مات. 7‏:6
  3. Cross-reference ◘ ئايۇپ 28‏:28؛ زەب. 111‏:10؛ پەند. 1‏:7
  4. Cross-reference ◘ پەند. 10‏:27
  5. Cross-reference ◘ پەند. 7‏:11
  6. Cross-reference ◘ پەند. 20‏:17
  7. Footnote ◼ «تەھتىسارانىڭ تەگلىرى» ــ «تەھتىسارا» (ئىبرانىي تىلىدا «شېئول») ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان يەر.
  8. Cross-reference ◘ پەند. 2‏:18

مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق). Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0. Source: eBible.org. Typeset from the source files; no intended changes to scripture wording. BibleKenya is not endorsed by the rights holder.

Full source notice & licence · CC BY-SA 4.0 · SourceEdition imported 2026-10-25.

BibleKenya

Reader settings

Theme
Font
Alignment
Reading width

Saved in this browser and used offline too. Press ? for keyboard shortcuts.